پايچەك بازىرىدىكى ئەپسانىۋى شەخىس -ھۆركىرەۋاتقان ئاسلانچاق ئىجتىمائى تاراتقۇغا يەنە قايتىپ كەلدى

كەيت گىل-  ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا «ھۆركىرەۋاتقان ئاسلانچاق»  (Roaring Kitty) ئىسمى بىلەن تۇنۇلغان،  پايچەك بازىرىدا ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان، ئىجتىمائى تاراتقۇلارغا ھىچ مەنىسى يوق بىر رەسىملەرنى يوللاپ قۇيۇپمۇ  بەزى پايچەكلەرنىڭ باھاسىنى داۋالغۇتىۋاتقان بىر شەخىس.  ئۇ  «ئويۇنلار بېكىتى » (GameStop ) نىڭ پايچىكىنى نەچچە يۈز ھەسسە ئۆرلىتىۋېتىپ  بىر پايچەك بىلەنلا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نەچچە ئون مىليون پۇل تاپقان، ئومۇمى پايدىسى نەچچە يۈز مىليۇنغا يەتكەن، شۇنداقلا مىڭلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مىليونىر بولىشىغا تۈرتكە بولغان، مەنمۇ ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىجىتمائى تاراتقۇلاردىكى ھېسابىغا كۆز تىكىپ تۇرۇغۇچى، گەرچە بىر شەخىسنىڭ ئۇنچىلىك تەسىرى بارلىقىغا ئىشەنمىسەممۇ  نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ رىۋايەتسىمان سەزگۈرەشتىسى بار. ئۇ › سېتىۋالدىم » دېگەن پايچەكلەر ھەسسىلەپ ئۆرلەپ كەتتى، ئامېرىكا ئاكسىيا باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇ سېتىۋالدىم، ياكى «ياخشى» دېگەن پايچەكلەرنى نەچچە قېتىم  بازاردا ئېلىم سېتىم قىلىشتىن توختاتتى. ھەر قېتىم ئىجتىمائى تاراتقۇدا پەيدا بولسىلا GameStop نىڭ پايچىكى ئۆرلەەۋاتىدۇ. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىنتېرنېت دۇنياسىدىن يوقاپ كەتكەندىن كېينن بۇ يىل 7-ئايدا تۇيۇقسىز بىر ئىككى پارچە مەنزىرە رەسىم چىقىرىپ قويىشى بىلەن GameStop نىڭ پەيچىكى 100% ئۆرلەپ كەتتى. ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان GameStop شۇ قېتىملىق داۋالغۇشتا 2 مىليار دوللاردىن ئارتۇق پايدا تاپتى.
كەيت گىل 1986 -يىلى تۇغۇلغان، ستونخېل ئىنىستىتۇتى ۋە باشقا مەكتەپلەردە  ئىگىلىك باشقۇرۇش ۋە پۇل مۇئامىلە كەسپىلىرىدە  ئوقۇغان. كېيىن بىر شىركەتتە مالىيە ئانالىزچىسى ۋە مالىيە بىلىملىىرى بويىچە تەربىيلەش خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان.،  پايچەك بازىرىدا تېخنىكىلىق ئانالىز قىلىدىغان دېتاللارغا مۇناسىۋەتلىك كومپىيوتېر پروگرامملىرى بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتىنىمۇ قىلغان.  2021 -يىلى پايچەك ۋەكالەتچىلىكى ئورنىدىن ۋە خىزمىتىدىن ئايرىلغان.
2019 – يىلى رېددىت (ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ مۇنازىرە سۇپىسى) ھېسابىدا  53 مىڭ دوللارللىق  GameStop شىركتىنىڭ پايچىكىنى سېتىۋالغان ئىكران كۆرۈنۈشىنى ئىلان قىلغان ۋە GameStop پايچىكىنىڭ تېخنىكىلىق ئانالىزىنى يوتۇيۇب ھېسابىغا چىقىرىپ قويغان. گەرچە دېگەنلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسى ئەمەسلىكىنى قايتا قايتا دېسىمۇ، يۈز مىڭلىغان مەبلەغ سالغۇچىلار GameStopۈ نڭ پايچىكىنى تالىشىپ سېتۋېلىپ پايچەك بازىرىدا شىددەتلىك بوران چاپقۇن پەيدا قىلغان، بىر ئايغا يەتمەي ئۇنىڭ 53 مىڭ دوللارلىق پايچىكى 48 مىليون دوللارغا ئايلانغان.   ۋال سترىتتىكى چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار، ئاكىسيە باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ ھەركەتلەرگە قارشى تەكشۈرۈش قىلغان، ئېلىم سېتىمنى  ۋاقىتلىق توختىتىش قىلغان، روبىنخۇد دېگەندەك پارچە مەبلەغ سېلىش سۇپىلىرى پۇ پايچەكلەرنى ئېلىم سېتم قىلىشنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن.  بۇ جەريان خۇددى كىچىك  مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ۋال ستىرىتتىكى چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ئارىسىدىكى بىر مەيدان ئىس تۈتەكسىز  پۇل-مۇئامىلە ئۇرۇشى ئىدى.   چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە بانكىلار  گەرچە GameStop نىڭ پايچىكىنى تۆكمە قىلىپ سېتىپ باھانى چۈشۈرۈشكە تىرىشسىمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدىكى ئۇششاق مەبلەغ سالغۇچىلار رېددىت تا بايانات ئېلان قىلىپ قوللىرىدىكى پايچەكلىرىنى ساتمەيدىغانلىقىنى، ۋال سترىتقا قارشى جەڭنى ئاخىرغىچە داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.   
  نەچچە يۈزمىڭ كىچىك  مەبلەغ سالغۇچىلار ئۇنىڭ يېتەكلىشىگە ئەگىشىپ باھانى ئۈزلىكسىز ئۆستۈردى، GameStop نىڭ پاي باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ ،   چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ئورگانلار ۋە مەبلەغ سالغۇچى بانكىلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى. 
«main street against wall street»  ھەركىتى نەچچە ئاي داۋام قىلىدى ۋە ئاخىرى ئۇششاق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى. چوڭ مەبلەغ سالغۇچى ئورگانلار، مەبلەغ سالغۇچى  بانكىلار باھانى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانسېرى تارتقان زىيىنى ئېغىرلاپ باردى.  ھۆكۈمەت تەرەپ  ۋە قانۇن ئورگانلىرى كەيت گىل گە قارشى نۇرغۇن تەكشۈرۈ ئېلىپ باردى، ئەمما مەبلەغ سالغۇچىلارنى سېتىۋېلىشقا كۈشكۈرتكەنلىكى، باھانى كونترول قىلغانلىقى ھەققىدە ئىسپات تاپالمىدى.

ھەر قېتىم كەيت گىل  ئىجتىمائى تاراتقۇدا پەيدە بولسا ئاساسلىق مالىيە قاناللىرىنىڭ باش بەت خەۋرىگە  چقىۋاتىدۇ.
تۈنۈگۈن كەچ بۇ «ھۆركىرەۋاتقان ئاسلانچاق» ئىجتىمائى تاراتقۇدا يەنە پەيدا بولدى ۋە GameStop پايچىكىنىڭ يەنە ئۆرلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.