دونالد تراپ خىتايغا ئوخشاش تاشقى تىجارەتتە دوللار ئىشلىتىشنى خالىمايدىغان دۆلەتلەر مېلىدىن 100% باج ئالىدىغانلىقنى ئېلان قىلىدى

خىتاي ،  ئىران،  روسىيە ۋە باشقا بىرىكس دۆلەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ئىمبارگۇ ئېلىپ بېرىشىدىن قېچىش ئۈچۈن دوللاردىن باشقا پۇل بىلەن تاشقى سودا قىلىش پىلانى بار ئىدى.  ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتيسى پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ  بۇ خىل قىلمىشلارغا قارىتا شۇ دوۆلەتلەردىن كىرگەن ماللاردىن  100% باج ئېلىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويدى. دونال ترامپ يەنە شىركەت بېجىنى، بولۇپمۇ ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللىنىدىغان شىركەتلەر بېجىنى ئازايتىش پىلانىنى ئوتتۇرغا قويغان.  دېموكراتلار پارتىيسى نامزاتى بولسا شىركەت بېجىنى بۇرۇنقىدىن  10% يۇقىرى كۆتۈرۈپ، نامراتلارغا ۋە تۆۋەن كىرىملىكلەرگە ياردەم بېرىش پىلانى بارلىقىنى دېگەن ئىدى.

(نورمالدا شىركەت بېجىنى كۆتۈرش نەتىجىسىدە شىركەتلەرنىڭ مالىيە بېسىمى ئېشىپ، يېڭى خىزمەتچى ئېلىشنى ئازايتىدۇ ياكى ئادەم قىسقارتىدۇ، ۋە ياكى ئىشلەپچىقىرىشنى تارلاشتۇرىدۇ ياكى باشقا يەرلەرگە كۆچىدۇ، نەتىجىدە ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئېغىرلاپ ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇش پۇلىغا تاينىپ قالىدىغان نامراتلار كۆپىيىدۇ. ئامېرىكا تارىخىدا شىركەت بېجىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى سەۋەبلىك گۈللەنگەن ئىقتىسادى ۋەيران بولغان شەھەرلەر بار،  دېترويىت  شەھرى ۋە مەرىلەند شىتاتىنىڭ بالتىمور شەھرى بۇ خىل ئاقىۋەتلەرنىڭ  تىپىك مىسالى.)

مەنبە:https://www.bloomberg.com/news/articles/2024-09-07/trump-pledges-100-tariff-for-countries-that-shun-the-dollar?srnd=homepage-americas