شىفىرلىق پۇل،  خىتاي ۋە ئامېركا سايلىمى (1)

بىتكويىن (بىت تەڭگىسى)

بىت تەڭگىسى – تۇنجى بولۇپ چىققان تارقاق مەخپىي شىفىرلىق پۇل بولۇپ ، ئۆزىنى ساتوشى ناكاموتو  دەپ ئاتىۋالغانن ( تور ئىسىمى، كىملىكى ئىېنىق  ئەمەس) نامەلۇم بىر كىشى ياكى كىشىلەر توپى  (چوڭ ئېھتىمال ياپۇنلۇق)  تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان.
قىسقىچە تارىخى :  2008-يىلى ئۆكتەبىردە ، ساتوشى ناكاموتو بىت تەڭگىسى «بىت تەڭگىسى: تورداشلارنىڭ ئېلېكترونلۇق نەق پۇل سىستېمىسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ ، پۇل-مۇئامىلە ئورگىنىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ توردا پۇل تۆلەشنى، تۆلەمنى بىر تەرەپتىن يەنە بىر تەرەپكە بىۋاسىتە ئەۋەتىشكە بولىدىغان سىستېمىنى تەسۋىرلىدى.
2009-يىلى 1-ئايدا ، ناكاموتو       بىت تەڭگىسى يۇمشاق دېتالىنى ئېلان قىلدى ۋە تۇنجى بىت بۆلەكنى قېزىپ چىقتى ( بىت بۆلەك قېزىش-   block mining).                 ئۇ كىتابىدا بىت تەڭگىسىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتىكى سەۋەب – بانكىلارنىڭ  ۋەيران بولۇش خەۋپى بارلىقى، كىشىلەرنىڭ پۇلىنى ساقلاشتا بىخەتەر ئەمەسلىكى،  بانكا، ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن مۇستەقىل بىر قىممەت ساقلاش مىخانىمىزىغا ئېھتىياج بولغانلىقىدىن…..  دەپ تەسۋىرلەيدۇ.   بۇ تېخنىكا بارلىققا كەلتۈرۈشكە قوشۇلغان  بىر نەچچە يۇمشاق دېتال ئېىنژىنىرى تۇنجى قېتىملىق بىت تەگىسى ئېلىم بېرىم قىلىدۇ.  2010- يلى بىت تەڭگىسى بىلەن تۇنجى قېتىم نەرسە سېتىۋېلىش ئېلىپ بېرىلىدۇ،   Laszlo Hanyecz ئىسىملىك بىر ياش 10000  (ئون مىڭ) دانە بىت تەڭگىسىگە ئىككى تانە پىزا سېتىۋالىدۇ  (  بۇ 10 مىڭ بىت تەڭگىسىنىڭ بۈگۈنكى قىممىتى 600 مىليون دوللار ئەتراپىدا ).
شۇ يىلى BitcoinMarket.com  تور بېكىتى قۇرۇلۇپ بىت تەگىسى ئېلىم بېرىم ئەۋجىگە چىقىدۇ.
2013- يىلى بىت تەڭگىسنىڭ باھاسى تۇنجى بولۇپ 1000 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى.
2014- 2017 – يىللىرى بىت تەڭىسى قېزىش كەسپى راۋاجلىنىپ، بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى 20 مىڭ دوللارنى بۆسۈپ ئۆتتى.
  شۇنىڭدىن كېيىن  بىت تەڭگىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەر ھەر خىل بوران چاپقۇنلارغا دۇچ كەلدى. خىتاي ۋە بەزى دۆلەتلەر بىت تەڭگە شىركەتلىرى ۋە بلوك قازمىچىىلىقنى چەكلىدى. ئامېرىكىدا  بىت تەڭگىسى سېتىپ تاپقان پۇلدىن باج ئالىدىغان بولدى،  بەزى دۆلەتلەر بىت تەڭگىسىنى نورمال ئوبوروت ۋاستىسى قىلدى, بۇلارنىڭ ھەممىسى بىت تەڭگىسىنىڭ بازار باھاسىنىڭ يۇقىرى تۆۋەن داۋالغۇشىغا سەۋەب بولدى. بۇ يېقىنقى يىللاردا بىر تال بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى 30 مىڭدىن 70 مىڭ دوللارغىچە ئەتراپدا داۋالغۇپ كەلمەكتە.   گەرچە ۋارېن باففېتقا  ئوخشاش چوڭ مەبلەغ سالغۇچىلار بىت تەڭگىسىنى جەمىيەتكە قىممەت قوشمايدىغان، ئېلىپ سېتىپ ھايەنكەشلىك بىلەنلا پۇل تاپقىلى بولىدىغان، ئەمىلى قوللىنىش قىممىتى يوق بىر نەرسە دەپ قارىسىمۇ، باي دادام نامرات دادام كىتابىنىڭ ئاپتۇرى  روبېرت كىيوساكىدەك مەبلەغ سالغۇچىلار بىت تەڭگىسىنى ئۇزۇن مەزگىللىك قىممەت ساقلاش پۇلىسى دەپ قاراپ سېتىۋېلىپ كەلمەكتە.  Cathie Wood قا ئوخشاش زامانىۋى مەبلەغ سالغۇچىلار بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ دەپ قاراپ كەلمەكتە.   (Cathie Wood   بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى 2030- يىلى 3.8 مىليون دوللارغا چىقىدۇ دەپ مۆلچەرلەپتۇ).    ئالدىنقى قېتىم ترامپ  خەلىقئارا بىت تەڭگىسى كونفېرانىسىدا نۇتۇق سۆزلەپ  بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سالغۇچىلاردىن ئۆزىنى قوللاشنى تەلەپ قىلدى،  ھەم پىرېزىدېبت بولۇپ سايلانسا ئامېرىكىدا بىت تەڭگىسى زاپىسى قۇرۇدىغانلىقىنى دېدى.
بۇ يېقىندىن نۇرغۇن پىنسىيە فوندى شىركەتلىرى، چوڭ مەبلەغ سېلىش بانكىلىرى ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ( بۇنداق ئىش تارىختا ھىچ بولۇپ باقمىغان، بولۇپمۇ پىنسىيە فوندى شىركەتلىرى كىشىلەرنىڭ پىنسىيە فوندىنى  ئېلىپ بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سېلىشى…) بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سالغان خەۋەرلىرىنى كۆرۈپ بۇ ھەقتە ئىزدەنگەنلىرىمدىن خاتىرە قالدۇرۇشنى لايىق تاپتىم.

خىتايدا بىت تەڭگىسى

خىتايلار گەرچە يېڭى تېخنىكا يارىتىشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى بولمىسىمۇ باشقىلارنىڭ تېخنىكىىسنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە ناھايتى ئۇستا.  بولۇپمۇ شىفىرلىق پۇل تېخنىكىسى جەھەتتە نۇرغۇن تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، يېڭى شىفىرلىق پۇل ۋە  شىفىرلىق پۇل ھەميانلىرىنى ئىجاد قىلدى.

بىنانىس

1980 -يلى خىتاينىڭ جىياڭسۇ ئۆلىكىسىدىكى ئاددى بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە  كۆرۈمسىز بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى، كۆرۈنۈشتىن كالىتسى  كەمچىل ئىدى، ئاتا-ئانىسى  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىنى تىلەپ چاڭ پىك  دەپ ئىسىم قويدى.  جاۋ چاڭپىڭ 12 ياشقا كىرگەندە  ئاتا ئانىسى باشقا خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئەگىشىپ باي بولۇش چۈشى بىلەن كاناداغا كەلدى. جاۋ چاڭپىڭ كانادادا ئوقۇغاچ ئائىلىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن گاز پونكىتلىرى، مەك دونال تېز تاماقخانىسى دېگەندەك يەرلەردە سائەتلىك ئىشلەپ يۈردى. ئۇنىۋېرسىتنى كومپىيوتېر ئېنژىنىرلىقىدا ئوقۇدى.  مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېين توكيو ئاكسىيە بىرژىسىدا  پايچەك ئاكسىيەلەرنى ئېلىپ ساتىدىغان پىروگرامما ياسايدىغان تۈرگە پراكتىكانت بولۇپ ئىشقا كىردى.  2005- يىلى شاڭخەيگە كۆچۈپ كەتتى ۋە  شىركەت ئېچىپ خىتايدا پايچەك ئوينايدىغانلار ئۈچۈن بىر  كومپىيوتېر دېتالى ياساپ بازارغا سالدى.  ئۇنىڭ شاڭخەيدە لى فامىلىلىك بىر يېقىن ئاغىنسىى بار ئدىى. 2013- يىلى بىر كۈنى ئاغىنىسى بىلەن ماجاڭ ئويناۋاتقاندا ئاغىنىسى بار پۇلىنىڭ 10%گە شىفىرلىق پۇل ئېلىپ قويۇشنى تەكلىپ قىلدى.   جاۋ چاڭپىڭ خىتايدا كىشىلەرنىڭ شىفىرلىق پۇلغا قىزىقىش كۈچەيگەنلىكىنى ھېس قىلىپ شاڭخەيدىكى يېڭى سېتىۋالغان ئۆيىنى سېتىۋېتىپ ھەممە پۇلىغا  بىىتكويىن (بىت تەڭگىسى) سېتىۋالدى.  شۇ يىلى، يەنى 2013- يىلى  بىر نەچچە كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە  Blockchain.info  دېگەن تور بەتنى قۇردى. شۇ يىلى 1986 -يىلى تۇغۇلغان، سىچۈەننىڭ نامرات ئۇقۇتقۇچى ئائىلىسدە چوڭ بولغان خېيى ئىسىملىك بىر خىتاي قىزنى خىزمەتكە ئالدى، بۇ خىتاي قىز بىلەن بىرلىكتە OKCoin  نى بازارغا چىقىرىپ داۋاجلاندۇردى.  (بۇ چاغدا جاۋ  2013- يىلى نەچچە مىليون يۇەن گە ئالغان بىتكويىىن بىلەن مىليادىر بولۇپ قالغان ئىدى)

Image

2017 يىلى بۇلار بىرلىكتە بىنانىس – شىفىرلىق پۇل ھەميىنى بولغان يۇمشاق دېتالنى ياساپ بازارغا سالدى ۋە تۇنجى قېتىملىك شىفىرلىق پۇل يىغىش پائالىيىتىدە 15 مىليون دوللار قىممىتىدە شىفىرلىق پۇللار بۇلارنىڭ دېتالىغا كىردى. بىنانىس شىركىتى قۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ سۇپىسى  كېيىن خەلىقئارالىق شىفىرلىق پۇل ئېلىم- بېرىمىدا  ئىشلىتىدىغان ئاساسلىق سۇپا بولۇپ قالدى. 8 ئايغا يەتمەي بىنانىس دۇنيا بويىچە شىفىرلىق پۇل  ئالماشتۇرۇش مىقتارى بويىچە ئەڭ چوڭ  تور سۇپىسىغا ئايلاندى،  2018 – يىلى فوربىس  ژورنىلى جاۋ چاڭپىڭ نى شىفىرلىق پۇل دۇنياسىدىكى 3- ىنچى باي شەخىس قاتارىغا تىزدى. خىتاي ھۆكىمىتى  شىفىرلىق پۇل شىركەتلىرىنى چەكلەش قىلغاندا جاۋ چاڭپىڭ  شىركىتىنى ياپونيەگە يۆتكىدى ۋە ئامېرىكىدا تارمىقىنى ئاچتى.  بۇلار يەنە بىر قانچا خىل شىفىرلىق پۇللارنى بازارغا سالدى ۋە شىركىتى بارغانچە چوڭىيىپ باردى. شىركىتىنىڭ تارماقلىرى  نۇرغۇنلىغان  ياۋرۇپا  ۋە ئاسىيا ھەتتا ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كېڭەيدى.

2023 – يىلى بۇ شىركەت ئامېرىكىدا  10 مىليارد دوللار قىممىتىدە جىيايەتچىلەرنىڭ ئېلىم سېتىم ئىشلىرىغا سۇپا ھازىرلاپ بەرگەن دەپ ئەيىپلەندى، 2023 -يىلى يەنە خاماس- ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدا تېرورىستلارنىڭ مەبلەغ توپلىشىغا سۇپا ھازىرلاپ بەرگەن دەپ ئەيىپلەندى،  2024 -يىلى جاۋ پۇل « ئاقلاش ئېلىپ بارغان، خاماسنىڭ ئىسرائىلىيەگە ئېلىپ بارغان تېرور ھۇجۇمى ئۈچۈن كېرەكلىك پۇل توپلاش مېخانىزىمى تەمىنلەپ بەرگەن» دېگەن ئەيىبلەش بىلەن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلاندى.

2018 -يىلدىن 2021 -يىلغىچە خىتاي  دۇنيا بويىچە بىتكويىن كانچىلىقى  (Bitcoin mining)  سان جەھەتتە دۇنيادا  ئالدىنقى قاتاردا تۇراتتى، 2021- يىلى خىتاي ھۆكىمىتى پۇل قىممىتىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن بىتكويىن كانچىلىقىنى چەكلىدى،  خىتايدىكى بىتكويىن (بىت بلوكى) قازىدىغانلار شەرقىي ئاسىيا، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە كۆچتى.

داۋامى بار…..