ئالدىنقى قىسىمى: شىفىرلىق پۇل، خىتاي ۋە ئامېركا سايلىمى (1)
خىتايدا بىت تەڭگىسى
2011-يىلى، خىتايدا تۇنجى كرىپتو تەڭگە ئالماشتۇرۇش مەركىزى BTC China قۇرۇلغاندا، ھېچكىم بۇنىڭ كەلگۈسىدە قانداق بىر ئىنقىلابقا يول ئاچىدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. 2013-يىلىغا كەلگەندە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېت چوڭ شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان بەيدۇ بىتكوين بىلەن تۆلەم قوبۇل قىلىشنى باشلىدى.
2014-يىلى Bitmain شىركىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، خىتاي بىتكوين قېزىش سانائىتىدە دۇنيا بويىچە يېتەكچى ئورۇنغا چىقتى 2020-يىلى خىتاي دۇنيا بويىچە بىتكوين قېزىشنىڭ 67% نى ئىگەللىدى. خىتايدا بىت تەڭگىسىگە مەبلەغ سېلىش ۋە قازمىچىلىق قىزغىنلىقى تارىخى رېكورد ياراتتى. ئەمما بۇ گۈللىنىش مەزگىلىمۇ ئۇچۇن داۋاملاشمىدى. 2017-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى بىت تەڭگىسى قازمىچىلىقنى چەكلەشنى باشلىدى. 2021-يىلى 9-ئايدا بارلىق كرىپتو تەڭگە پائالىيەتلىرى پۈتۈنلەي چەكلەندى.
2021-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى، يەنى خىتاي رەسمىي چەكلىمە ئېلان قىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، بىتكويىننىڭ باھاسى تەخمىنەن 45,000 دوللار ئىدى. چەكلىمە ئېلان قىلىنغان كۈنى بىت تەڭگىسى باھاسى 9% چۈشتى، باشقا كرىپتو تەڭگىلەرنىڭ باھاسىمۇ ئوخشاشلا چۈشتى، پۈتۈن كرىپتو بازىرى قىسقا مۇددەتلىك داۋالغۇشقا دۇچ كەلدى.
خىتايدىكى بىت تەڭگىسى قازمىچىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا كۆچۈپ قازمىچىلىقنى داۋام قىلىدى. ئامېرىكا ۋە قازاقىستاندىكى قازمىچىلىق ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. 2021 -يىلى بىت تەڭگىسى 68 مىڭ دوللارغا چىقتى.
خىتاينىڭ بىت تەڭگىسىنى چەكلىشىدىكى سەۋەب :
- خىتاي پۇلنىڭ قىممىتىنى قوغداش – خىتايدىكى بىت تەڭگىسى قىزغىنلىقى تۈپەيلى غايەت زور مىقتاردا خىتاي پۇلىسى شىفىرلىق پۇل بازىرىغا ئېقىپ كىرىپ خىتايدىكى ئايلانما ئومۇمكى پۇل مىقتارىغا، قىسقىسى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى، پۇل ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى قاتتىق كونترول قىىلىپ كەلگەن خىتاي ھۆكىمىتى بۇ ئەھۋالنى كونترول قىلىش ئۈچۈن چەكلەشتىن باشقا ئامال تاپالمىدى.
- پۇل مۇئامىلىسىنى كونترول قىلىش- خىتاي ھۆكمىتى قىممىتىنى ئۆزى كونترول قىلالمايدىغان بىر ئايلانما پۇل ( شىفىرلىق تەڭگىلەر) نىڭ مەۋجۇت بولىشىنى تەھدىد دەپ بىلدى.
- قانۇنسىز پۇل يۆتكەش ۋە جىنايەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش – نۇرغۇن چىرىك ئەمەلدارلار، جىنايەت گۇماندارلىرى، ئۆز تەقدىرىدىن ئەنسىرگە بايلار زور مىقتاردىكى پۇللىرىنى بىت تەڭگىلىرىگە ئالماشتۇرۇپ خىتاي سىرتىغا يۆتكەش ئەھۋالى يۈز بەردى.
يۇقىردىكى مەسىلىلەر يالغۇز خىتايغا خاس ئەمەس، ئەمما خىتايدىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرمۇ پۇل ئاقلاش، تېرورىزىمنىڭ مالىيە مەنبەسىنى كىسىپ تاشلاش، دىنى قاراشلار، مالىيە مۇقىمسىزلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالجىرىيە، بانگىلادېش، مىسىر، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر كرىپتۇ بىلەن سودا قىلىشنى ياكى ئېلىپ سېتىشنى چەكلىدى.
خىتاي كۆرۈنۈشتە شىفىرلىق تەڭگىنى چەكلىدى، ئەمەلىيەتتە شىفىرلىق تەڭگىدىن ئىلھام ئېلىپ ئۆزىنىڭ رەقەملىك پۇلىسىنى (e-CNY) تەرەققى قىلدۇررۇشقا باشلىدى.
خىتاينىڭ شىفىرلىق تەڭگە ساھەسىدىكى باشقا داڭدار شەخىسىلەر
جىخەن ۋۇ (خىتايچە: 吳忌寒؛ 1986-يىلى تۇغۇلغان) خىتايلىق مىليارد دوللارلىق شىارلىق تەڭگىسىگە ئىگە داڭلىق شەخىس. ئۇ 2013-يىلى جەن بىلەن بىرلىكتە Bitmain شىركىتىنى قۇرغان. بۇ شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىت تەڭگىسى قازمىچىلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىدغان كومپيۇتېر يۇمشاق يۇمشاق ئۆزەك شىركىتى ئىدى. ئۇ 2017-يىلى 2.5 مىليارد دوللار كىرىم قىلغان. ئۇ 2017-يىلى قۇرۇلغان، بىت تەڭگىنىڭ بىر يانداش شىفىرلىق تەڭگىسى Bitcoin Cash نىڭ ئاساسلىق تەرەققى قىلدۇرغۇچىسى ئىدى. ئۇ Forbes ژۇرنىلىنىڭ 2020-يىللىق دۇنيا مىلياردىرلار تىزىملىكىدە ئاسىيادىكى بەش ئەڭ ياش مىلياردېرنىڭ بىرى بولۇپ باھالانغان.
جىخەن ۋۇ 1986-يىلى خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھىرىدە نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. چوڭچىڭ نەنكەي ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرگەن ۋە 2009-يىلى ئىقتىساد ۋە پىسخولوگىيە كەسپىدە قوش ئۇنۋان ئالغان.مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن بىر خۇسۇسىي كاپىتال شىركىتىدە مالىيە ئانالىزچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2011-يىلى 5-ئايدا، ئۇ بىت تەڭگىسىگە قىزىقىپ قالغان، ۋە ئائىلە-دوستلىرىدىن 100,000 يۈەن يىغىپ 900 بىت تەڭگىسى سېتىۋالغان. ئۇ يەنە بىر بىتكوين قىزغىن تەرغىباتچىسى چاڭ جيا بىلەن بىرلىكتە خىتايدىكى تۇنجى بىتكوين جامائەت تور بېكىتى بولغان Babite نى قۇرغان. 2011-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇ ساتوشى ناكاموتونىڭ بىتكوين ئاق كىتابىنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلغان.
2012-يىلى، ۋۇ بىت تەڭگىسى قازمىچىلىقى بىلەن شوغۇللىندىغان ASICMINER غا مەبلەغ سالغان. دەسلەپتە بۇ مەبلەغ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، مەبلەغ سالغۇچىلارغا 1000 ھەسسىدىن ئارتۇق پايدا كەلتۈرگەن. كېيىن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى شىركەت زىيات تارتقان. ئۇ ئۆزى بىر قىسىم تېخنىكا بىلىملىرىنى ئۈگەنگەندىن كېيىن بىر مىكروئېلېكتر ئىنژېنېرى بولغان دوستى بىلەن بىرلىشىپ Bitmain نى قۇرۇپ چىققان، 2015 -يىلى دوستىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىت تەڭگىسى قېزىشتا ئىشلىتىدىغان شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغان Bitmain Antminer S5 ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىققان، بۇ ئۈسكۈنىسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى يەرلىرىگە سېتىلىپ بىت تەڭگىسىنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولغان. 2017- يىلى سېنگاپۇردا بىت تەڭگە ئۈچۈن مالىيە مۇلازىمىتى شىركىتى Matrixport نى قۇرغان.
بۇ شىركەت ئىچكى مۇڭغۇلدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بىت تەڭگە قازمىچىلىق ئورنىنى قۇرغان ئىدى، بۇ شىركەتنىڭ بىت تەڭگىلىرى قازىدىغان يۇقىرى ھېسابلىغۇچلىق كومپىيوتېرلارنى توك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كۆمۈر ئېلىكتىر ئىستانسىسىنى ئىشلەتكەن، ئېغىر مۇھىت بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندى. دۇنيادا ھەر ئون مىنۇتتا بىر بىت بلوكى قېزىلىپ كۈنىگە 8 مىليون دوللارلىق بىتكويىن قېزىپ چىقىلغان بولسا بۇ يېڭى قېزىلغان بىت تەڭگىلىرىنىڭ يېرىمدىن كۆپى خىتايدىن ، بولۇپمۇ Bitmain نىڭ قازمىچىلىقىدىن چىقاتتى.
جىخەن ۋۇ دىن باشقا يەنە, ئىلگىرى جورج سوروسنىڭ Soros Fund Management شىركىتىدە ئىشلىگەندىن كېىيىن IDC Capital شىركىتىنى قۇرغان، ھازىرقى ئەڭ ئاساسلىق شىفىرلىق تەڭگە پۇل ئالماشتۇرۇش سۇپىسى Coincbase نىڭ دەسلەپتىكى قۇرۇلۇشىدا مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن تىگى خىتايدىن بولغان ياڭ گۇ، ئاساسلىق بلوك زەنجىرى سۇپىسى NEO نىڭ قۇرغۇچىسى Da Hongfei ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كرىپتو تەڭگە ئالماشتۇرۇش سۇپىلىرىنىڭ بىرى Huobi نىڭ قۇرغۇچىسى Leon Li ، بلوك زەنجىرى تېخنىكىس قوللىنىپ تەرەققى قىلدۇرۇلغان ئويۇن ۋە شىفىرلىق مۈلۈك ئېلىم برىم سۇپىسى TRON نىڭ قۇرغۇچىسى Justin Sun ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بىتكوين ۋە كرىپتو تەڭگە قېزىش كۆلچەكلىرىنىڭ بىرى بولغان F2Pool نىڭ قۇرغۇچىسى ۋاڭ چۇن، شىىفىرلىق تەڭگە مەركەزلەشتۈرۈپ تەمىنلەش سۇپىسىVeChain نى قۇرغان كېۋېن فېڭ شۇنداقلار نۇرغۇن خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ياش ئىگىلىك تكلىگۈچىلەر دۇنيادىكى شىفىرلىق پۇل ساھەسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
خىتاي ئىقتىسادى ۋە شىفىرلىق تەڭگىنىڭ خىتايدىكى رولى
1. خىتاي پۇقرالىرى پۇللىرىنىڭ قىممىتىنى ساقلاشتا يەنىلا بىت تەڭگى قاتارلىق شفىرلىق پۇللارنى يىغىپ ساقلىماقتا. 2021-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسلىق كرىپتو تەڭگە ئالماشتۇرۇش سۇپىلىرىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرى باشقا يوللارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇلار رەسمى بولمىغان تور يىزىدىكى شەخسى ئېلىم سېتىم سۇپىرىنى تەرەققى قىلدۇردى Web3, ( Over-the-Counter -OTC) سۇپىلار ۋە شەخسلەرئارا (P2P) تور سودىلىرى ئارقىلىق شىفىرلىق تەڭگە سودىسىنى ئاسانلاشتۇرۇشنىڭ يېڭىچە يوللىرىنى تاپتى. بەزىلىرى بولسا نۆۋەتتىكى قانۇن-نىزاملارغا ماسلىشىپ ئېلىم سېتىم يوللىرىنى ئۆزگەرتتى. بۇ سۇپىلار خىتاي مەبلەغ سالغۇچىلار، بايلىقىنى سىرتقا يۆتكەپ چىقىپ كەتمەكچى بولغان بايلار ۋە مەبلەغ سېىلىش يۇلى تاپالمىغانلار ئۈچۈن غەيرى رەسمى ئېلىم سېتىم مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى. 2021- يىلىدىكى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشچە خىتايدىكى شىفىرلىق پۇل ئېلىم سېتىم ئوبوروتى پۈتۈن دۇنيادىكى شىفىرلىق پۇل ئېلىم سېتىمنىڭ 90% نى ئىگەللىگەن. بىر تەتقىقاتقا قارىغاندا خىتاينىڭ شىفىرلىق پۇلنى چەكلىشى خەلقئارادىكى شىفىرلىق پۇل بازىرىغا ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمىگەن، گەرچە قىسقا مۇددەت ئچىدە باھانىڭ چۈشۈپ كېتىىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى يەنە ئەسلىگە كەلگەن. ھەتتا خىتايدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئىلگىرلىگەنلىكى ھەققىدە خەۋەرلەر بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە سەۋەب بولۇپ كەلمەكتە.
غەرىپ دۇنياسىدا بولسا، بىت تەڭگىسى ۋە باشقا شىفىرلىق پۇللارنىڭ بازار قىممىتى ئەركىن ھالدا ئېھتىياج تەرىپىدىن بەلگىلەنسىمۇ ئەمما نۇرغۇن ئەمەلى پاكىتلار ۋە ئىلمى ئىزدىنىشلەر بىت تەڭگىسى باھاسىنىڭ پايچەك، ھۆكۈمەت زايۇمى قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە قوراللىرىنىڭ باھاسى، ئۆسۈم ۋە باشقا ئامىللار بىلەن زىچ باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
2014 -يلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈزلۈكسىز چىكىنىۋاتقان ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئچۈن بىر تىرلىيون يۈەنلىك جانلاندۇرۇش پىلانىنى ئىلان قىلىدى، ئارقىدىن 9- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا يەنە4.6 % لىك GDP ئېشىششنى ئىلان قلىش بىلەن بىرگگ 1.5 تىرلىيون يېڭى زايۇم ۋە قەرز چەكلىرى تارتقىتىدىغانلىقى، داۋاملىق ئۆسۈم چۈشۈرىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى. بۇ ئىلان قىلىش نەتىجىسىدە خىتاي پاي بازىرى ۋە بىت تەڭگىلىرىنىڭڭ بازىرى قايتىدىن جانلاندى، 10- ئاينىڭ 12 -كۈنىدىن باشلاپ18- كۈنىگىچە بىت تەڭگىسىىنىڭ باھاسى 14% ئۆستى.
ئامېرىكا سايلىمى ۋە شىفىرلىق پۇل
نۆۋەتتە ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۈچۈن بىلەت تاشلش باشلىنىش ئالدىدا، ۋە ترامپنى قوللاش خاھىشى بىر ئاي ئىلگىركىگە قارىغاندا ئۈزلىكسىز يۇقىرلاپ ماڭماقتا. دوكىلاتلارغا قارىغاندا ئامېرىكىدىكى ياش شىفىرلىق پۇل مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەت تاشلىغۇچىلار ئىچىدە خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگەللەيدۇ.
ترامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىش ئېھتىماللىقى بىلەن بىتكوين باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بارلىقى ھەققىدە ئانالىزلار كۆپەيمەكتە.
ترامپ ئىلگىرى شىفىرلىق پۇلغا قارشى ئىدى، بىت تەڭگىسىنى قىممىتى يوق، پەقەت جىنايەتچىلەر پايدىلىنىدىغان نەرسە دەپ قارايتى. 2024 – يلى 7-ئايدا ترامپ شىفىرلىق پۇلنى قەتتى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەخىسلەرنىڭ بىت تەڭگە قازمىچىلىقىنى قوللىشى كېرەك، دەپ قارىدى. ھەتتا ئۆزى «دۇنيا ئەركىنلىك پۇل-مۇئامىلىسى» دىگەن نامىدا شىفىرلىق تەڭگە چىقىرىپ بازارغا سالدى، بىر ئايغا يەتمەى بۇ شىفىرلىق تەڭگىدىن 800 مىليوندىن ئارتۇق سېتىلدى. 2024- يىلى ئامېرىكىنىڭ نەشۋېلل شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىت تەڭگىسى كونفېرانسىدا ترامپ نۇتۇق سۆزلەپ، ئەگەر پرېزىدېنت ببولۇپ سايلانسا ئامېرىكىنى خەلىقئارا بىت تەڭگىسىنىڭ بازىسى قىلىدىغانلىقىنى، بىت تەڭگىسى ساھەسىدە ئامېرىكىنى دۇنيا لىدىرى قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلدى. شۇ خەۋەردىن كېيىن ترامپ مېدىيا چەكلىك شىركىتىنىڭ پايچىكى ۋە بىت تەڭگىسىنىڭ باھاسى ئېشىپ باردى.
2024 -يىللىق ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا شىفىرلىق پۇل ساھەسىدىكىكىلەر 119 مىليون دوللار مەبلەغ سالغان (يەنى، سايلام سىياسى تەشۋىقاتى ۋە لوببىيچىلىق ئىشلىرىغا خەجلەنگەن پۇل). شىفىرلىق پۇل ساھەسىدىكىلەر ئۇنىڭدىن باشقا يىللاردىن بېرى FIT21 قانۇن لاھىيسىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن لوببىيچىلىق قىلىپ كەلمەكتە. بۇ قانۇن لاھىيسى شىفىرلىق پۇل تىجارىتى ۋە ئالماشتۇرۇشنى CFTC (تاۋار، قەرەللىك مال تىجارىتى كومېتىتى) نىڭ ئىدارە قىلىشىغا ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. نۆۋەتتە شىفىرلىق پۇل ئېلىم-سېتىمى ۋە ئالماشتۇرۇشنى قانۇنى جەھەتتىن ئىدارە قىلىش ئىىشنى SEC ( ئاكسىيە تىجارىتى باشقۇرۇش كومېتىتى) ئېلىپ بارىدۇ، شىفىرلىق پۇلنىڭ بازاردا ئوبوروت بولىشى پايچەك قاتارلىق ئاكسىيەلەرگە ئوخشىمىغاچقا، SEC بەزى قانۇن نىزاملىرى شىفىرلىق پۇل ساھەسىنى ئىدارە قىلىشقا ماس كەلمىگەن. ترامپ چىقسا بۇ قانۇن لاھىيسنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا ئامېرىكىدا شىفىرلىق پۇلنىڭ ئالماشتۇرۇلىشى تېخىمۇ ئەركىن بولۇپلا قالماي بىخەتەرلىكى ۋە نوپۇزى قانۇنى جەھەتتە بەزى ئىلگىرلىگەن قوغدىلىشقا ئىگە بولىدىكەن.