بىت تەڭگىسى پۇل مۇئامىلە سېسىتىمىسى – بۇ بىر كىتاپ ئىسمى، » The Bitcoin Standard»، ئاۋىسترالىيەلىك مەشھۇر ماتېماتىكا ۋە ئىقتىساد ئالىمى Saifedean Ammous تەرىپىدىن يېزىلغان. سەيفىددېن ئەسلى بىت تەڭگىسىنى ئالدامچىلىق دەپ قارايتى، ئەنئەنىۋى ئىقتىساد نەزەرىيەلىرىنى ھىمايە قىلاتتى. ساتوشىنىڭ بىت تەڭگىسى ھەققىدىكى كىتابىنى ئوقۇغاندىن كېيىن بىت تەڭگىسىگە بولغان كۆز قارىشى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى. ئۇ كىتابىدا ئوتتۇرغا قويغان ئىدىيە ئاساسىدا بىت تەڭگىسنىڭ كەلگۈسىدە پۇت دەسسەپ تۇرالايدىغان بىردىن-بىر ھەقىقى پۇل ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بىت تەڭگىسىنىڭ سانىنى داۋاملىق ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، ئەمما قەغەز پۇلنىڭ خالىغانچە بسېپ تارقىتىلىشى ۋە سانىنىڭ ئېشىشىىغا ئەگىشىپ ھامان بىر كۈنى پاخاللىشىپ يىمىرىلدىغانلىقىنى، ئالتۇن-كۆمۈش كانلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئالتۇن كۆمۈشنىڭ ساقلاش قىممىتىنىڭمۇ تۆۋەنلەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. كىتاپتا پۇلنىڭ تارىخىدىن باشلايدۇ، قەدىمدە ئىجاد قىلىنغان پۇللار، ئۇ پۇللارنىڭ قانداق قىلىپ يىمىرىلگەنلىكى ( ئىشلىتىلىشتىن قالغانلىقى) ھەققىدىكى تارىخىنى چۈشەندۈرىدۇ. كىتاب مەزمۇنىغا ئاساسەن ۋە ئىقتىسادى نەزەرىيەلەر ئاساسىدا پۇلنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن كۈنىمىزگە قەدەر تەرەققى قىلىشى، كەلگۈسى تەرەققىياتلار ھەققىدىكى ئىلمى كۆز قاراشلارنى يىغىنچاقلاپ قويۇش قارارىغا كەلدىم.
پۇل ئۇقۇمى
ئىقتىسادتا پۇل كەڭ مەنىلىك ۋە تار مەنىلىك پۇل دەپ ئېنىقلىما بېرىلىدۇ. تار مەنىلىك پۇل – بىۋاستا تاۋار بىلەن دەرھال ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان پۇللارنى، يەنى ئاساسلىقى قەغەز ، تەڭگە ۋە باشقا شەكىلدىكى پۇللارنى كۆرسىتىدۇ. كەڭ مەنىدىكى پۇل بولسا قەغەز، تەڭگە پۇللاردىن باشقا، بانكا چېڭى، ئاكسىيە، پايچەك، ھۆكۈمەت زايۇمى، تاشقى پرىوۋېت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پۇلنىڭ بارلىققا كېلىشى
پۇل – مىڭلارچە يىللاردىن بۇيان ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان ئەڭ مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرى. پۇل چۈشەنچىسى ئىنسانلارنىڭ ئۆزىدە ۋە باشقىلاردا ئېشىنچە ۋە كەمچىل بولغان نەرسىلەرنى ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن. مەسىلەن دېھقان ئاشلىقنى تۆمۈرچىنىڭ قوراللىرى بىلەن، ياكى كۇلالچى ئىدىش-قاچىلارنى كىيىم-كېچەك بىلەن ئالماشتۇراتتى، ئەمما ئامالشتۇرىدىغان ئادەم تېپىش تەس، ئېھتىياج ۋە تەمىنلەش بار ۋاقىت ناھايتى چەكلىك ئىدى. ئىنسانلار ئۆزىدە ئېشىنچە نەرسىلەرنى ئېھتىياجلىق نەرسىگە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتى ھەر ۋەقىت ھەر يەردە مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ھەممە ئادەم قۇبۇل قىلالايدىغان بىر ۋاستىچى تاۋارغا ئېھتىياج چۈشكەن ئىدى. بۇنڭ بىلەن ھەر قەبىلىلەر ئوخشىمىغان نەرسىنى ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى قىلىشقا باشلىدى.
قەدىمكى مېسوپوتامىيەدە، ئاشلىق دەسلەپكى پۇل شەكلى بولۇپ خىزمەت قىلدى، ئاشلىقنى ھەممە ئادەم قۇبۇل قىلاتتى، ئىبادەتخانا ئامبارلىرى دۇنيادىكى تۇنجى بانكا رولىنى ئوينىدى ئەمما ئاشلىق يېرى بار ئاز ساندىكى ئادەملەرنىڭ قولىغا مەركەزلىشىپ قالغاچقا تەلەپ ئېھتىياج تەڭپۇڭسىزلىقى ئېغىر ئىدى. خىتايلار قوڭغۇزتام (بىر خىل قۇلۇلىگە ئوخشاش ھايۋان) قېپىنى ئىشلەتتى، بۇ تارىختا ئەڭ ئۇزۇن ئىشلىتىلگەن پۇل شەكىللىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئەمما كىشىلەرنىڭ بۇ خىل قۇلۇلە قېپىنى كۆپلەپ قېزىشى، قۇلۇلە بېقىپ كۆپەيتىشى بىلەن كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە قۇلۇلە قاپلىرى پاخاللشىپ كەتتى. تۇز قەدىمكى رىمدا شۇنچىلىك قىممەتلىك ئىدىكى، لەشكەرلەر مائاشىنى تۇز بىلەن ئالاتتى – شۇڭا «salary» (مائاش) دېگەن سۆز لاتىنچە «salarium» (تۇز پۇلى) دىن كەلگەن ئىدى. ئەمما تۇز تەمىنلەيدىغان رايۇنلاردا بايلىق كۆپىتىپ، تۇز ئاز چىقىدىغان يەرلەر دە ئاچارچىلىق كۆرۈلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇزنى ساقلاش تەس ئىدى، توشۇپ يۈرۈش تېخىمۇ قىيىن ئىدى، ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى، سۈپىتى ئۆزگىرىشى مۇمكىن ئىدى، تۇشۇش، قاچىلاش، ساقلاش ئاسان ئەمەس ئىدى.
3 مىڭ يىللار ئىلگىرى ئىنسانلار بەزى قىممەتلىك مېتاللارنى ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىدى. تېپىلىش تەس بولغان مىتاللاردىن ئالتۇن كۆمۈش بىر قەدەر ئومۇملاشتى. ئالتۇن ۋە كۈمۈشتەك قىممەتلىك مېتاللارنىڭ قوللىنىلىشى پۇل تارىخىدىكى مۇھىم نوقتا ئىدى، شۇنداقلا بۇ باسقۇچ ئىنسانىەتنىڭ مۇھىم تەرەققىيات باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. بىر ماددىنىڭ پۇل بولۇپ قۇبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن تۆۋەندىكىدەك شەرتلەر لازىم، شۇنداقلار ئالتۇن كۆمۈشلەر بۇ شەرتلەرگە تامامەن چۈشەتتى.
– ئۇلار چىداملىق ۋە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى چىرىمايتتى
– ئۇلار تەبىئىي ھالدا ئاز ئۇچرايتتى، قىممىتىنى ساقلاپ قالالايتتى
– ئۇلارنى كىچىكرەك بىرلىكلەرگە بۆلگىلى بولاتتى
– ئۇلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ۋە ساقلاش ئاسان ئىدى
– ئۇلارنىڭ ھەر قايسى مەدەنىيەتلەردە تەبىئىي قىممىتى بار ئىدى
تەڭگە پۇلنىڭ بارلىققا كېلىشى
تۇنجى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن مېتال تەڭگىلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 600-يىللاردا لىدىيەدە (ھازىرقى تۈركىيە) پەيدا بولدى. ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنىڭ تەبىئىي ئارىلاشمىسى بولغان ئېلېكترۇمدىن ياسالغان بۇ تەڭگىلەردە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئېغىرلىق ۋە رەسمىي مۆھۈرلەر بار بولۇپ، دۆلەت ئۇلارنىڭ قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلاتتى. بۇ يېڭىلىق ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئاسىيا دۇنياسىغا تېز تارقىلىپ، سودا-سېتىقنى ئىنقىلابىي ئۆزگەرتتى.
قەغەز پۇل ۋە بانكىچىلىق
خىتايلار سوڭ سۇلالىسى دەۋرىدە (960-1279-يىللار) دۇنيادىكى تۇنجى قەغەز پۇلنى ئوتتۇرىغا قويدى. سودىگەرلەر ۋە چوڭ تىجارەتچىلەر كۆپ مىقداردىكى تەڭگىلەرنى ئىشەنچلىك ۋاكالەتچىلەرگە قالدۇرۇپ، ئۇلار پۇلغا قەغەز تىلخەت بېرەتتى. «ئۇچار پۇل» دەپ ئاتالغان بۇ تىلخەتلەرنى باشقا شەھەرلەردە تەڭگىگە ئالماشتۇرغىلى بولاتتى، بۇ يىراق مۇساپىلىك سودىنى خېلى ئاسانلاشتۇردى. ئەمما ساختا قەغەز پۇللاردىن ساقلىنىش تەس بولدى ۋە كېين يەنە ئىشلىتىلىشتىن قالدى.
1400 – يىللاردا ياۋرۇپادا ئويغىنىش ھەركىىتى نەتىجىسىدە ئىقتىساد تەرەققى قىلدى، باشقا رايۇنلار بىەن مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى ئالاقىلەر كۈچەيدى. بۇ ئالاقىلەر جەرياندا يىراق مۇساپىلىك تىجارەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئەڭ دەسلەپتىكى بانكىلار ئىتالىيەنىڭ Florence, Venice شەھەرلىرىدە بارلىققا كەلدى. فلورېنسىيەدىكى مېدىچى ئائىلىسى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك بانكا سۇلالىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى، ئۇلار بۈگۈنمۇ ئەھمىيەتلىك بولغان قوش كىرىملىك ھېسابات يۈرگۈزۈش ۋە باشقا مالىيە يېڭىلىقلىرىنى تەرەققىي قىلدۇردى.بۇ بانكىلار ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان كىرىىم چىقىپ دەپتىرى، مالىيە بوغالتىرلىق جەدۋىلى قاتارلىقلارنى ئىجاد قىلىدى، ئالتۇن كۈمۈشكە تېگىشكىلى بولىدىغان قەغەز ھۈججەتلەرنىمۇ ئىشلەتتى.
ئالتۇن -پۇل ئۆلچىمى دەۋرى
19- ئەسىرگە كەلگەندە خەلىقئارا سودىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ دۆلەتلەر ئالتۇننى ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى قىلىپ ئىشلىتىش ئومۇملاشتى. بارا-بارا ئالتۇن ھەممە دۆلەت قۇبۇل قىلىدىغان ئورتاق پۇل بولۇپ قالدى. بۇنىڭدا كۆپ مىقتاتدىكى تاۋارلارنى مۇقىم نىسبەتتە ئالتۇنغا بىۋاسىتە ئالتۇنغا ئالماشتۇرغىلى بولاتتى. كىچىك بىرلىكتىكى پۇل ئۈچۈن كۆمۈش ۋە مىس ۋە باشقا مېتالدىن ياسالغان تەڭگىلەر بارلىققا كەلدى. ئەمما ئاساسلىق ئوتراق قۇبۇل قىلىنغان پۇل ئالتۇن ئىدى. بۇ سىستېما مۇقىم پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارالىق سودىنى ئاسانلاشتۇردى. ئەمما ئالتۇننىڭ ئىقتىسادى كىرزىس، ئۇرۇش مەزگىللىرىدە بەزى يىتەرسىزلىكىرى ئوتتۇرغا چىقتى.
داۋامى بار….
بىرىتون ئورمان سېستىمسىى
ئالتۇن پۇل بىرلىكىنىڭ يىمىرلىشى
قەغەز پۇلنى ئاساس قىلغان يېڭى پۇل ئۆلچىمى سېستىمسى
رەقەملىك ئىنقىلاب ۋە كرىپتو تەڭگىلىرى
بىت تەڭخسىنىڭ قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىشى