پۇل مۇئامىلە بازىرىغا، بولۇپمۇ پايچەك بازىرىغا قىزىققانلارنىڭ ھەممىسى ۋاررېن باففېت ۋە ئۇنىڭ قانداق پۇل تاپقانلىقى ھەققىدىكى ھىكايىلەرنى بىلىدۇ. ۋاررېن باففېت ھەقىقەتەن مۆجىزىلىك شەخىس، ئەمما ۋاررېن باففېت 60 ياشقىچە كىرگىچە ئادەملەر ئۇنى ئانچە بىلىپ كەتمەيتى. ئۇ ئادەم پايچەك بازىرىدا تاپقان پۇلنىڭ 98% تىن ئارتۇقىنى 60 ياشتىن كېيىن تاپقان. ۋاررېن باففېت 5 يېشىدا مەبلەش سېلىشنى ئۈگۈنۈشنى باشلىغان، 60 يىل قېتىرقىنىپ ئۈگۈنۈپ، نۇرغۇن زىيان بىلەن تەجىربە توپلاپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ھىچ چىكىنمەي تىرىشتى، ۋە 70 ياشقا يېقىنلاشقاندا شۇنچە يىللىق تىرىشىش ۋە تەجىربە بىراقلا مىۋە بەردى. ۋاررېن باففېتتەك بولۇش ئۈچۈن 60 يىللىق سەۋىر تاقەت ۋە بوشاشماسلىق روھى لازىم… بۇنى ئادەتتىكى كۆپىنچە مەبلەغ سالغۇچىلار قىلالمايدۇ. ۋاررېن باففېت ئۆمرىدە بىر قانچە كىتاپ يازغان، ئۆزىگە ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاپلارنى كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدۇ، كىشىلەرگە بىلگەنلىرىنى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئەستايدىل ئاڭلايدۇ.
ئەمما پايچەك بازىرىدا كەسپى ئېلىم سېتىم قىلىۋاتقانلار، پىشقان ۋە تەجىربىلىك پايچەككە مەبلەغ سالغۇچىلار ۋاررېن باففېتتىن بەكرەك، بىر ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن جېسسى لىۋىرمور نىڭ تاكتىكىسىدىن ئۈگۈنىشنى خالايدۇ. ۋاررېن باففېت ھەقىقەتەن ۋال سترىتتىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى مەبلەغ سالغۇچى. ئەمما ئەڭ ياخشى ستراتىگىيە ۋە تاكتىكا ئۈگەتكۈچى ئەمەس. مەن بىر قانچە پايچەك ئېلىم سېتىم گۇرۇپلىرىغا، سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتناشتىم، قاتناشقانلار ئچىدە ۋال سترىتتىكى تەسىرى بار كىشىلەرمۇ بار ئىدى. داڭلىق، كەسپى پايچەك ئوينايدىغانلارنىڭ توردىكى بىلىم خاراكتىرلىك نۇرغۇن ۋىدىئولارنىى كۆردۈم، ھەممسىنىڭ تەۋسىيە قىلدىغىنى جېسسى لىۋېرمور نىڭ مەبلەغ سېلىش ئۇسۇلى، ئۇنىڭ تاكتىكىسى ۋە ئۇ ھەققىدىكى كىتابلار ئىدى.
ھالبۇكى جېسسى لىۋىرمۇر بىرمۇ كىتاپ يازمىغان. ئۇ ئادەمنىڭ ئەسكى قەغەزگە سىزىپ قويغان بىر نەچچە دىئاگىرامما، ۋە بىر كونا خاتىرە دەپتىرىدىكى بىر نەچچە بەت يازمىلار كېيىنكى كىشىلەر تەرىپىدىن بايقىلىپ ۋە تەتقىق قىلىنىپ، شۇ پارچە پۇرات يازمىلار ئاساسىدا ئۇنىڭ ستراتېگىيسى ھەققىدە نۇرغۇن كىتابلار يېزىلغان.
جېسسى لىۋېرمورنڭ دەسلەپتىكى ھاياتى
1891-يىلى بىر سوغۇق ئەتىگەندە، 14 ياشلىق بىر بالا يانچۇقىدا پەقەت 5 دوللار پۇل ۋە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى بىلەن بوستونغا كېلىدۇ. بۇ بالا جېسسى لىۋېرمور بولۇپ، كېيىنچە ۋال ستىرىت تارىخىدىكى ئەڭ ئەپسانىۋى شەخىسكە ئايلىنىشنى ھىچكىم ئويلىمىغان. ئۇ 5 دوللار بىلەن پايچەك سودىسىنى باشلاپ نەچچە قېتىم ۋەيران بولدى ۋە يەنە نەچچە قېتىم مىليونېر بولدى.
كىچىك جېسسى ئۈچ ياشقا كەلمەيلا ئوقۇش-يېزىشنى پۇختا ئۆگىنىپ بولغانىدى. ماسساچۇسېتستا نامراتچىلىقتا تۇغۇلغان بولۇپ، 14 يېشىدا دادىسى ئۇنى مەكتەپتىن چىقىرىپ دېھقانچىلىق قىلدۇرماقچى بولغاندا، جېسسى بۇ خىل ئاددى ھاياتقا قانائەت قىلمىغان، شۇنىڭ بىلەن 14 يېشىدا ئۆيدىن قېچىپ چىققان. ئۆيدىن قېچىش ئۇنىڭ تۇنجى مۇۋەپپەقىيەتى بولۇپ ئۆزىنى قانىتى چىققان قۇشتەك ھېس قىلغان. ئۇ بوستوندىكى بىر سودا شىركىتىدە باھا خاتىرلىگۈچى بولۇپ ئىشقا كىرىپ، ھەپتىسىگە 5 دوللار ئىش ھەققى ئالغان. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى پاي ۋە مال-مۈلۈك باھالىرىنى قارا تاختىغا يېزىش ئىدى. مانا شۇ يەردە، داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان رەقەملەر بىلەن ھەپىلىشىپ يۈرۈپ ئۆزىنىڭ بۇ خىل سان سىفىرلارغا يۈكسەك ئىشتىياقى بارلىقىنى بايقىغان.
تەۋەككۈلچىلىك
بوستوندىكى شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندا جېسسى ئۆزى خاتىرلىگەن رەقەملەردىكى ئۆزگىرىش – باھا ئۆزگرىش قانۇنىيەتلىرىنى بايقىدى. ئۇ بىر دەپتەر تۇتۇپ، باھا ئۆزگىرىشلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن خاتىرىلەشكە باشلىدى. تۆمۈر يول پايلىرىغا سالغان تۇنجى 5 دوللارلىق مەبلىغىدىن 3.12 دوللار پايدا ئالدى. بۈگۈنكى كۈندە بۇ كۆپ پۇلدەك كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ھەپتىسىگە 5 دوللار تاپىدىغان بىر بالا ئۈچۈن بۇ بىر چوڭ ئۇتۇق ۋە ئېلھام ئىدى.
16 ياشقا كىرگەندە خېلى ماھىر تەۋەككۈلچى بولۇپ قالدى. جېسسى چۈشلۈك تاماق ۋاقتىنى پايچەككە دو تىكىدىغان دۇكاندا ئۆتكۈزەتتى، بوستوندا قىمارخانىغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ خىل دوكانلار كۆپ ئىدى، بۇ يەرلەردە كىشىلەر پاي سېتىۋالماستىنلا پاي باھاسىغا مەبلەغ سالالايتتى. جېسسى خىزمىتى داۋامىدا خاتىرلىگەن سان سىفىرلار ۋە خاتىرىسىگە يېزىلۋالغان باھا ئۆزگىرىش قانۇنىيتى ھەققىدىكى بايقاشلىرىغا تاينىپ شۇنداق مۇۋەپپەقىيەت قازاندىكى، قسىقا ۋاقىت ئچىىدە خېلى پۇل تاپتى، كېيىن بۇ دۇكانلار بىر-بىرلەپ ئۇنى چەكلەشكە باشلىدى.
10 مىڭ دوللارلىق كىچىك بايۋەتچە
ئۇ پايچەك دوكانلىرىدا تاپقان پۇللارنى تىرىشچانلىق بىلەن يىغدى. جېسسى 23 يېشىغا كەلگەندە 5 دوللاردىن باشلىغان پۇلىسى كۆپىيىپ 10 مىڭ دوللارغا يەتتى. ئۇ بۇ پۇلنى ئېلىپ نىيويورك قا، ۋال سترىت قا كەلدى، ۋە خاتىرىسىدىكى پىرىنسىپلىرىغا ئاساسەن پايچەك بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 50،0000 دوللار پۇل تاپتى، توغرا، 500 مىڭ دوللار پۇل تاپتى. ( ئۇ ۋاقىتتىكى 500 مىڭ دوللار ھازىرقى 20 مىليون دوللاردەك كۈچى بار ئىدى).
كىچىك تۇرۇپلا بايۋەتتىچىگە ئايلانغان جېسسى ئۆزىنىڭ كونا خاتىرىسىنى ئۇنتۇدى، نۇرغۇن قىز دوست تۇتتى، ھەشەمەتلىك ئۆي سېتىۋالدى، ئەلۋەتتە ئاتا ئانىسىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى. ۋال سترىتتا ھەقىقەتەن داڭلىق مەبلەغ سالغۇچى بولۇپ قالغان ئىدى. نەتىجىسى ئۇنى بىخۇدلاشتۇردى، ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا تاشلاپ قويغان خاتىرىسىدىكى پىرىنسىپلارنى ۋاقتى ئۆتتى دەپ، ئۆزىنى پايچەك بازىرىدا يىڭىلمەس دەپ قارىدى. زىيادە كىبىرلىك بىلەن پۈتۈن پۇلىنى پاختا قەرەللىك مال سودىسىغا ( Option ) سالدى، نەتىجىدە پۈتۈن پۇلىدىن قۇرۇق قالدى. ئۆيىدىن ئايرىلدى، باي بولغاندىكى دوستلىرى ئۇنى تاشلىدى.
جېسسى چۈشكۈنلىك ۋە كىسەللىك گىردابىدا يۈرۈپ بىردىنلا كونا خاتىرىسىنى يەنە تېپىۋالدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئىشەنمەس بولۇپ كەتكەندى. ئۆزى ياخشىلىق قىلغان بىرىنىڭ ياردىمى بىلەن مىڭ تەستە بانكىدىن 2000 دوللار قسىقا مۇددەتلىك قەرز ئالدى. بۇ پۇلنى زىيان تارتسا بولمايتى، ئەگەر پۇ پۇلنى مەبلەغ سېلىپمۇ زىيان تارتسا تۈرمىگە كىرىشى، كېيىنكى ئۆمرىدە قايتا مەبلەغ سېلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. جېسسى ھەممىنى تاشلاپ 2000 دوللار بىلەن كونا خاتىرسىىنى ئېلىپ سېنت لۇئىسقا كۆچۈپ باردى. ئۇ يەردە تىنىچ بىر مۇھىتنى تېپىپ خاتىرسىنى قايتا قايتا ئوقۇدى، ھەر قېتىم خاتىرىسىدىن بىر نەرسە ھېس قىلسا بازارغا بېرىپ يېڭى باھا ئۆزگىرىشىنى خاتىرلىگەچ، بازار ئۆزگىرىشىنى قايتا قايتا پىرىنسىپلىرىگە تەدبىقلىدى.
جېسسى پايچەك بازىرىدكى باھانىڭ زىياد كۆپۈك بولۇپ كەتىنىنى بايقاپ پۇرسەت كۈتتى ۋە پۇرسەت پىشتى دەپ قارىغان بىر كۈنى 2000 دوللارنىڭ ھەممىسىنى زىيادە كۆپۈك بولۇپ ئۆرلەپ كەتكەن بىر نەچچە پايچەككە چۈشىدىغانغا تىكتى (short قىلدى) ، چۈشىدىغانغا تىكىش (short ،做空 قىلىش، پاي باھاسى چۈشىدۇ دەپ پاي قەرز ئېلىپ سېتىپ، باھاسى چۈشكەندە پايلارنى سېتىۋېلىپ قايتۇرۇش ئارقىلىق پايدا ئېلىش ئۇسۇلى ) . 1907 -يىلى 10- ئاينىڭ 14- كۈنى ئامېرىكا پايچەك بازىرى ئۈچۈن ۋەھىمىلىك بىر كۈن بولدى، پايچەك بازىرىدا باھالار يىمىرىلدى. جېسسى ئاخىرقى قېتىمدا، بىر كۈندىلا 1 مىليون دوللار (بۈگۈنكى 30 مىليون دوللارغا تەڭ) تاپتى. ئەمما بۇمۇ ئۇنىڭ ئەڭ كېيىكى چوڭ پايدىسى ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيتتى.
ۋال سىتىرىتتىكى چوڭ ئېيىق
جېسسىنىڭ ئەڭ مۆجىزلىك پايچەك سودىسى 1929 -يىلدىكى كىرزىس مەزگىلدە بولدى. بۇ مەزگىل پايچەك بازىرىدا كىرزىستىن كېيىنكى گۈللىنىش ھۆكۈم سۈرىۋاتقان ئىدى، بازاردىكى پايچەك باھاسىدا كۆپۈش بەك ئېغىر ئىدى. جېسسى خاتىرىسىدىكى پىرىنسىپلارغا ۋە سان سىفىرلارغا ئاساسەن يەنە بىر قېتىم ۋەيرانچىلىق بولىدىغىنىنى مۆلچەرلىدى ۋە پۈتۈن پۇلىنى پايچەكلەرنىڭ چۈشۈشىگە مەبلەغ سالدى (Shorting قىلدى) ، راست ۋەيرانچىلىق يۈز بەرگەندە پۈتۈن بازارنى ۋەھىمە قاپىلغان، ۋال سترىتتىكى نۇرغۇن مەبلەغ سالغۇچىلار بىنادىن ئۆزى ناشلاپ ئۆلىۋالغان ئىدى. جېسسىنىڭ ئايالى ۋە ئانىسى جېسسىنىمۇ ۋەيران بولدى، دەپ ئويلاپ ئۆيدىكى نەرسىلەرنى سېتىپ بانكا ئۆينى تارتىۋېلىشتىن بۇرۇن قېچىشقا تەييار تۇرغان بىر چاغدا جېسسى كىرىپ كەلدى، ۋە ئۆزىنىڭ نۇرغۇن پۇل تاپقانلىقىنى دېدى. جېسسى بۇ قېتىم نەچچە كۈن ئىچىدىلا ئۇ 100 مىليون دوللار (بۈگۈنكى 1.5 مىليارد دوللارغا تەڭ) تاپتى. جېسسى توختىماي Short قىلدى.
بۇ چاغدا ئامېرىكا ئىقتىسادى ئېغىر كىرزىسقا دۇچ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋال سترىتقا بېرىپ مورگاندىن (مورگان- شۇ چاىدىكى ۋال سترىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك بانكىر، ھازىرقى مورگان ستەنلى نىڭ قۇرغۇچىسى) ئامېرىكا ئىقتىسادىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئامال تېپىشنى ئۆتۈندى. مورگان جېسسىنى ئىزدەپ كېلىپ Short قىلشنى توختىتىشنى ئۆتۈندى.
جېسسى ئۇ پۇللارنى ھەرگىز تەلەي ياكى ئىچكى تۇيغۇغا، ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسى ياكى مەلۇم بىر پايچەك باھاسىغا بولغان مۆلچەرگە تاينىپ تاپقان ئەمەس، ئۇ قىمارۋاز ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ تايانغىنى — ئۆزىنىڭ ھېسىيات، مۆلچەر ۋە ئويلىغانلىرىنى پۈتۈنلەي بىر ياققا قايرىپ قويۇپ تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدىغان پايچەك سودىسىدىكى پىرنىسىپ، تۈزۈمچانلىق، ئەقلىيلىك ئىدى. ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى بۈگۈنگىچە نۇرغۇن ئادەملەر ئەمەل قىلىشنى قوغلىشىدىغان سودا پەلسەپەسىگە ئايلاندى.
-«ماڭا قايسى پايلارنى سېتىۋېلىشنى ئېيتماڭ، قاچان سېتىۋېلىشنى ئېيتىڭ».. جېسسى پىرىنسىپلىرى ۋە باھا ئۆزگىرىشىگە ئەساسەن مەلۇم بىر پايچەكنىڭ ئۆسىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن ئاز مىقتاردا ئېلىپ كۈزىتەتتى، ھۆكىمى توغرا بولسا يەنە داۋاملىق ئالاتتى، ئۆسكەنسېرى ئېلىش مىقتارىدىنى كۆپەيتەتتى، باھا ئۆسۈشى توختىغاندىن كېيىن چۈشۈشكە باشلىغاندا چۈشۈش سۈرئىتىنى كۈزىتەتتى ۋە چۈشكەنسىرى سېتىش مىقتارىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەتتى. ئۆسۈش باشلانغان، ياكى ئۆسۈش توختىغان نوقتىلارنى pivotal point دەپ ئاتىدى ۋە pivotal point نەزەرىسنى ئوتتۇرغا قويدى. ئۇ ھەر زامان «بازار ھېچقاچان خاتالاشمايدۇ – پەقەت پىكىرلەر ۋە ھۆكۈم خاتالىشىدۇ» دەيتى. بازار ھەرگىز بىرىنىڭ پىكىرى، ھۆكۈم قىلىشىغا ئەگىشىپ ھەر كەت قىلمايدۇ، ھەرگىز بازارنىڭ يۆنىلىشىگە قارشى ئېلىم سېتىپ قىلماڭ، زىيان تارتقان بولسىڭىز ۋاقتىدا خاتالاشقانلىقىڭىزنى ئېتراپ قىلىپ دەرھال چىكىنىڭ، دەپ ساۋاق بېرەتتى.
جېسسى لىۋېرمۇر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئويلىغىنى، پەرىزى، مۆلچەرىگە تاينىپ مەبلەغ سېلىشىغا قەتتى قارشى ئىدى. «مەن ئويلانمايمەن، مۆلچەر ۋە پەرەز قىلمايمەن، خاتىرەمگە يېزىلغان پىرىنسىپقا ئۇيغۇن بولسا، مەبلەغ سېلىش شەرتىم ۋە پىلانىمغا چۈشسە (مەيلى مېنىڭ ھېس تۇيغۇلۇرۇم نىمىلا دېسۇن ) سېتىۋالىمەن. خاتالاشقان بولسام شۇ ھامان سېتىۋېتىپ چېكىنىمەن ۋە يەنە داۋاملىق كۈزىتىمەن، دەيتى. جېسسىنىڭ قارىشىچە ئۆزىنىڭ پايچەك سودىسىدا ستراتىگىيە، پىلان، پىرىنسىپ-تۈزۈم تۈزۈش، خەتەرنى كونترول قىلىش بەك مۇھۇم ئىدى. پايدا ئېلىۋاتقاندا ساقلاش، زىيان كۆرۈلۈشكە باشلىغاندا دەرھال چېكىنىپ چىقىش ۋە ئۈمىد كۈتۈپ ساقلىماسلىق، بۇنداق بولغاندا پايدا ئالغان قېتىم سانى ئاز بولسىمۇ ئومۇمى پايدىنىڭ مىقتارى كۆپ، زىيان قېتىم سانى كۆپ بولسىمۇ ئومۇمى مىقتارى ئاز بولىدۇ، دەيتى.
ئۆمرىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدا دىۋەڭلىك كېسىلى ۋە پىرىنسىپلىرىنى ئۇنتۇغانلىقى سەۋەبلىك پايچەك سودىسىدا ئارقا ئارقىدىن خاتالىق سادىر قلدى ۋە يەنە ۋەيران بولدى، گەرچە قايتا باش كۆتۈرۈشكە تىرىشسىمۇ زېھنى قۇۋۋىتى يار بەرمىدى، 1940 -يىلى تاپانچا بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.
in stock market:
Don’t say “ I belive…”
don’t say “ I think”
you can’t trade based on your believe, based on your feeling, you have to trade based on rules and strategy
3