ئامېرىكا پايچەك بازىرىدا داۋالغۇش ئېغىر، 9- ئايدا ئۆسۈم چۈشۈرۈش نىسبىتى مۆلچەردىكىدىن تۆۋەن بولىشى مۇمكىن

ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار  ئامېرىكىنىڭ  ئاۋغۇستتىكى ئىشسىزلىق دوكلاتىنى مۇنازىرە قىلماقتا ، دوكىلاتنىڭ ئىجابى تەرىپىمۇ بار، سەلى تەرەپمۇ بار. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، خىزمەتنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن ئاستا بولغان (بۇسەۋەب  مەبلەغ سالغۇچىلار ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇق يۇز بېرىىدىن ئەنسىرمەكتە)  . ئىشسىزلىق نىسبىتى% 4.2 كە چۈشۈپ قالغان (ئىشسىزلىقنىڭ چۈشۈشى ئىقتىسادنىڭ ياخشى بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، ئامېرىكا فىدىراتسىيە بانكىسى ئىلان قىلغان 9-ئايلىق ئۆسۈم چۈشۈرۈش  مىقتارىنى تۆۋەنلىتىشى، يەنى مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈمىد قىلغاندەك كۆپرەك نىسبەتتە چۈشۈرمەسلىكى مۇمكىن،   يەنى ئىشسىزلىق تۆۋەنلىگەندە  ئەسىلدە 1% چۈشۈرۈش كېرەك بولغان ئسۈمنى پەقەت 0.25 % چۈشۈرۈشى، نەتىجىدە ە ئىقتىسدانىڭ ياخشىلىنىشىغا يىتەرلىك ھەسسە قوشالماسلىقى مۇمكىن). مەبلەغ سالغۇچىلار فېدېراتسىيە زاپىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تېزرەك تۆۋەنلىتىشىنى، 0.25% تىن يۇقىرراق تۆۋەنلىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەممە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆي باھاسى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ يۇقىرلاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ.