ئالما شىركىتىنىڭ يېڭى iPhone 16 ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت ۋە تىڭشىغۇچلىرى ئەتە بازارغا چىقىدۇ

iPhone 16 بۇ قېتىملىق تېخنىكا يېىڭلاشتا نۇرغۇن يېڭى ئىقتىدارلارنى قوشقان، ئەمما سۈنئى ئەقىل، ChatGPT نى ئالما تېلېفون بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئىشى كېيىنكى يىلغا قالغان.

ئالما شىركىتى  ئالما تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ChatGPT نى ھەقسىز ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى، ئالما تېلېفوننىڭ سىرى ئىقتىدارى  بىلەن ChatGPT4 نى بىرلەشتۈۋېتىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغاندىن كېين ئالما شېركىتىنىڭ پايچەك باھاسى 160$ دىن ئۆسۈپ 220$ ئەتراپىغان چىققان ئىدى.  بۇ قېتىم يېڭى ئالما تېلېفوندا ChatGPT ئىقتىدارى بولمىسىمۇ تۆۋەندىكى ئىقتىدارلار قېتىلغان:

iPhone 16 ۋە 16 Plus: كىچىك تىپتىكى تېخىمۇ تېز بىر تەرەپ قىلغۇچ ، 8GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ ۋە بوشلۇق سىن خاتىرىلەش كۇنۇپكىسى،  ۋە تىك تىزىلغان ئارقا كامېرا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېكران ئۈچۈن ئۇلتىرا نىپىز پەردىلىك ماتېريال قولىنىلغان، سۈنئى ئەقىل ئىقتىدار ئۈچۈن قوللىنىلدىغان يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئىچكى ئۆزەك ( بۇ ئۆزەك تېلفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بەزى  سۈئى ئەقىل تېخنىكىلىك دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتشىدە تېخىمۇ تېز بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىىشى مۇمكىن )  ،48 مىليون پېكسىللىق ئۇلترا نۇرلۇق كامېرا ۋە يېڭى كامېرانىڭ سېزىمچان سەزگۈر  ئىقتىدارى قاتارلىقلارنى  ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، DSLR كامېراسىغا ئوخشاش فوكۇس ۋە سۈرەتكە تارتىش كونتروللۇقى بىلەن تەمىنلەيدۇ.